باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتا ئادەم بومبا زەربىسىدە 24 ئادەم قازا قىلدى

2013.02.05 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 4-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا شۇ كۈنى ئادەم بومبا زەربىسى يۈز بېرىپ، 24 ئادەم قازا قىلىپ، 49 ئادەم يارىلانغان.

  بىر ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنلتىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارتلاشنىڭ باغدادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاجى كەنتى ھەربىي بازىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى، خەلق قوراللىق تەشكىلاتى «ئويغىنىش كومىتېتى»دىكى قىسمەن ئەزالارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ مائاشى ئېلىۋاتقاندا، بىر زەربە بەرگۈچىنىڭ توپ ئارىسىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ ئۆزى بىلەن بىرگە 21 نەپەر «ئويغىنىش كومىتېتى» ئەزاسى ۋە ئىككى نەپەر ئىراق قۇرۇقلۇق ئەسكىرىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقىنى ئېيىتقان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە 42 نەپەر قوراللىق تەشكىلات ئەزاسى ۋە يەتتە نەپەر ئەسكەر بار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە