باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ شىمالىدىكى شەھەر سەئىد پورتىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى(2)

2013.01.28 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  مىسىر فوندىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىمەكتە، بۇ مىسىر ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارلاشقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. سىياسىي داۋالغۇچتىن كېيىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبىيى بولغان ساياھەتچىلىك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ساياھەتچىلىك زەنجىرىنىڭ بەزى ھالقىلىرىدا ئۈزۈكچىلىك بولدى، ساياھەت كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ چەتئەللەر مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغاچقا، مىسىرنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى تۈز سىزىق بويىچە ئازىيىپ كەتتى. 2011-يىلىنىڭ بېشىدا، مىسىرنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى، ئىككى يىلدا %60 تۆۋەنلەپ كەتتى. مىسىر ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى پۇل سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سانىنى تىزگىنلەپ، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. بۇ ئۇسۇل مىسىر فوندىنىڭ قىممىتىنى تېز تۆۋەنلىتىۋەتتى، ئوبېكتىپ جەھەتتە مىسىر ئىقتىسادىغا يېڭى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بىر تەرەپتىن ئىمپورت ئېكىسپورتقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. مىسىر مەركىزىي سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2011-2012-مالىيە يىلىدا، مىسىرنىڭ سودا پاسسىپ بالانىسى 31 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، يەنە بىر تەرەپتىن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئوتتۇرا شەرق ئىقتىساد تورىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغاندىلا مىسىر ئاندىن پۇل مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئىزىغا چۈشۈرەلەيدىكەن. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش سىياسىينىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولمىسا باشقا ئىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە