باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە خاتا سىگنال چىقاردى(2)

2013.01.22 13:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2.ھىللارىنىڭ سۆزى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ياپونىيەدىكى ئوڭچىللارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈردى. يېقىندا ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقاندەك قىلاتتى. «ۋول كوچىسى گېزىتى» نىڭ 17- يانۋاردىكى سانىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دىپلوماتى كەنبىل يېقىندا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە سىرلىق ئەمما ئېنىق بولغان ئۇچۇر بېرىپ، توكيونىڭ بېيجىڭ بىلەن كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان زېمىن تالاش تارتىشىدا ئۆزىنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى يىغىشتۇرۇش ھەققىدە بېشارەت بەردى. «ۋول كوچىسى گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: كەنبىل بايانىدا ۋەزىيەتكە قارىتا يەنىلا بىتەرەپنى ساقلىدى. بىراق كەنبىلنىڭ سۆزى تۈگىمەستىن ھىللارى جۇڭگودىن تالاش تارتىش بولىۋاتقان ئارالنىڭ كونتۇرۇل قىلىش ھوقۇقى جەھەتتە ياپونىيەگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىقنى ئاشكارا تەلەپ قىلدى. بۇ روشەن ئۆز ئېغىزىغا ئۆزى ئۇرغانلىق. ھىللارىنىڭ بۇ سۆزى بىۋاسىتە ئۈنۈم بېرىپ، ياپونىيە ئوڭچىللىرىنى كۆرەڭلىتىپ، ماجىرانى بېسىقتۇرماستىن ئۇلغايتىشىغا مەدەت بېرىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

  3.ھىللارىنىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ پايدىسىغىمۇ كىرزىس پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسىنى شەرققە يۆتكەشنى تىزلىتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيەسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى، رايون بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىساد تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولامدۇ قانداق؟ ياكى ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىماي ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىغان ئىشلارنى قىلامدۇ؟ دېگەنگە دىققەت قىلدى. ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلدى ، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ توقۇنۇش خېيىم خەتىرى كۈچىيىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشسا بولۇپمۇ ياپونىيە مىلىتارىزمى تېرىلسە ، ئۇنداقدا بۇ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە باشتىن ئاخىر پايدىسىز بولىدۇ. شۇڭا سىياسەتچىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى تار بولماسلىقى كېرەك. كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتى، رايون بىخەتەرلىكى، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇپ، ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە