- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


% 70 ياپونىيەلىك دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن(2)
2013.01.21 16:17
بىرىنچىدىن، تەكشۈرۈش ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى ياپونىيەدىكى بىر قەدەر نوپۇزلۇق تاراتقۇ، شۇنداقلا مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى گېزىت ژۇرناللار ئىچىدە تەسىر كۈچى بار، كەسىپتىكى ئورنىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، كەسىپ ئىچىدىكى تەسىر كۈچى بىر قەدەر زور، شۇڭا سانلىق مەلۇماتىمۇ بىر قەدەر ئېھتىيات بىلەن چىقىرىلغان.
ئىككىنچىدىن، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جاۋابلىرى ياپونىيەنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ يۆنىلىشىنى ھەقىقەتەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئالايلۇق ، كۆپلىگەن زىيارەت قىلىنغۇچىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلەر ئىچىدە يوشۇرۇن كۈچى بار مەبلەغ سېلىش نىشانلىرى، دەپ قارىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۈنجى قېتىمقى زىيارىتىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى تاللىدى. كۆپلىگەن ياپونىيە مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار جۇڭگودىن چېكىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىشكە بولمايدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، زىيارەت قىلىنغۇچىلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ پىكرىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۇچرىغان . جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنىلا ھەقىقەتەن چوڭ مەسىلىلەر ساقلاندى. ئالايلۇق، قىسمەن جايلارنىڭ سىياسەت، نىزاملىرى ھېلى ئۇنداق، ھېلى بۇنداق بولۇپ، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچى تۆۋەنلىدى. ئۇندىن باشقا ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوڭچىللىشىش ئېغىر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، %70 ياپونىيەلىك دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ نەتىجە ھەيران قالارلىق ئەمەس. توكيودا ھەر يىلى كىشىلەر ئەڭ كۆپ تاۋاپ قىلىدىغان جاي ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى. ئەڭ ئەركىن، نوپۇزى ئەڭ چوڭ سىياسىي ئوبزورچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئوڭچىللار ۋەكىللىرى، ياپونىيە پارلامېنتتىكى ئورۇنىمۇ ئوڭچىللار بىلەن توشۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. ھازىر ياپونىيەدە تۈرلۈك جۇڭگو زەئىپلەشتى دەيدىغان سەپسەتىلەر كۆپەيدى، بۇ خىل جامائەت پىكرى شارائىتىدا ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر جۇڭگوغا زىتلىشىش كەيپىياتىدا بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كېلەچىكىدىن غەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە