باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا جازا ئارقىلىق ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ(2)

2013.01.14 09:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئىراننى جازالاشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خوش بولدى، ھەمدە جازانى يەنىمۇ ئېغىرلىتىشنى قارار قىلدى. ئىراننىڭ ئۇراننى داۋاملىق قۇيۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى جازالاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تېخىمۇ كۆپ جازا تەدبىرلىرىنى چىقاردى، بۇ جازا ئىراننىڭ نېفىت كەسپى، پۇل-مۇئامىلىسى ۋە تاشقى سودىسىغا چېتىلىدۇ. زۇڭتۇڭ ئوباما يېقىندا يېڭى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازا دائىرىسىنى ئاۋىياتسىيە ۋە كېمەسازلىققا كېڭەيتمەكچى بولدى ھەمدە ئىراننىڭ جازاغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مالغا مال ئالماشتۇرۇش سودىسىنى چەكلىمەكچى بولدى. ئىران بىلەن ئىزچىل ئېچىشىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەمۇ جانلىنىپ كەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئىستانىس 7-يانۋار ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى گايتنېرنىڭ ئىرانغا ئەڭ ئاخىرىقى ئۇلتىماتوم سۇنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 7-يانۋار كەچتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلىشىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى، ھەتتا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئىسرائىلىيە مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىران 7 يادرو ئەسلىھەسى قۇرۇپ بولغان. مەلۇم بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىراننى يادرو ئوق بېشىغا كېرەكلىك پىلۇتونىي بىلەن تەمىنلىگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىران ئىقتىسادى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇراننى قويۇلدۇرۇشنى ھەرىكىتىنى يەنىلا جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا، ھەتتا تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى پىلانلاۋاتىدۇ. لېكىن جازانىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىراننىڭ ئىنتايىن يۈكسەك يادرو پىلانىنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشى بىر مەسىلە. ئېنىقكى، ئىراننىڭ جازا سەۋەبلىك تارتقان زىيىنى ئويلىغىنىدىنمۇ چوڭ بولدى، نېفىت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى نەق پۇل كەمچىللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى تاماملىشى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئىراننىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان ھامان، ئامېرىكا ئىرانغا دېڭىز يولىنى توسۇش، ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون قۇرۇش ھەرىكىتى قوللىنىدۇ، ئامېرىكا ئىرانغا بىۋاسىتە ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىسىمۇ، ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە