باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇقلار نەق پۇل ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈپ غەرب ئەللىرىدە كۆپلەپ ئۆي سېتىۋالماقتا(2)

2013.01.04 14:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيىۋاتقان جۇڭگولۇقلار مەبلىغىنى جۇڭگودىن يۆتكەشكە ئالدىرىماقتا، ئامېرىكا ۋە كانادا چېگراسىدىكى ئەمەلدارلار شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئايرودۇرۇملاردا ھەميان، سومكا، چامادانغا سېلىۋالغان نەق پۇللارنى قولغا چۈشەدى. 2012-يىلى ئىيۇندا، بىر جۇڭگولۇق ئەر تەخمىنەن 177 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ئېلىپ ئوتتاۋا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. بۇ پۇلنىڭ ھەممىسى يۈز دوللارلىق ئامېرىكا دوللىرى ۋە كانادا دوللىرى ئىدى. ئۇ بۇ پۇللارنى ھەميانى، خالتىسى ۋە قولىدا كۆتۈرۈۋالغان چامادانغا سېلىۋالغان ئىدى.

  بۇ پۇللارنى بايقىغان كانادا چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ ئەر ماڭا بۇ پۇللار بىلەن كانادادىن ئۆي ياكى ماشىنا سېتىۋالماقچىمەن، دېدى. بۇ ئەر ئايرودۇرۇمدىن كەتكەن چاغدا پۇلىنى ئېلىپ كەتتى، ئەمما ئۇ تاموژنىدا ئىلتىماس قىلمىغانلىقتىن، بىر ئاز جەرىمانە تۆلىدى. بېيجىڭ يولغا قويغان چىڭ تاشقى پىرىۋوتنى كونترول قىلىش تەدبىردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىنىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەشتەك بەدەل ئانچە چوڭ ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: پۇقرالار شەخسى ئىش بىلەن چېگرىدىن چىققاندا ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان نەق پۇلنىڭ چېكى ھەر بىر كىشى ھەر يىلى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشماسلىقى كېرەك. گەرچە بۇ چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇش تەس بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسلەرنىڭ نەق پۇل ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىشى كەڭ كۆلەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش خەتىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن بولدى.

  ئايرۇدرومدا قولغا چۈشكەن نەق پۇل چەتئەلگە ئېقىپ كەتكەن جۇڭگونىڭ شەخسى مەبلىغىنىڭ پەقەت ئازلا بىر قىسمى، بۇ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چامادانغا نەق پۇل قاچىلاپ چېگرىدىن چىقىشىنىڭ كونترول قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىكى ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  كانادا ھۆكۈمىتى تارىخى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمىدى، ئەمما چېگرىدىن ئۆتكەن پۇل مۇئامىلە سودىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى بىلەن ھازىرقى ئەمەلدارى جۇڭگولۇقلار ئېلىپ ماڭغان نەق پۇل بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، دېدى.

  ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى مۇنداق دېدى: 2009-يىلىدىن 2011-يىلغىچە، ئامېرىكا ئايرودرۇمىدىكى تاموژنا ئەمەلدارلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قولىدىن 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئىلتىماس قىلمىغان نەق پۇلنى قولغا چۈشەگەن، بۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن نەق پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8.4 نى ئىگىلەيدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە