باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش بولامدۇ-يوق؟(2)

2013.01.04 14:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىراق، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ھەمىشە بۇ خامچوت پىلانىغا تايىنىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ زايوم ئومۇمىي سوممىسى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قانداق بىر قېتىملىق ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىش پىلانى ياپونىيەگە تېخىمۇ ئېغىر قەرز يۈكى ئارتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئابى شىنزۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇلنى قىسىش ۋە ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش- ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 3-ئايغا بارغاندا، ياپونىيەدە چوڭلار ئىشلىتىدىغان قەغەز زاكىنىڭ سېتىلىشى بالىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ مىسال شۇنى جانلىق چۈشەندۇردىكى، ياپونىيە ئېغىر دەرىجىدە ياشانغانلار دەۋرىگە دۇچ كېلىدىكەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش بوشلۇقىمۇ ناھايىتى كىچىك بولىدىكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۈگۈنكى ياپونىيە ئىقتىساد تېز ئېشىش دەۋرىدە ئەمەس، ئاممىۋى مەبلەغنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولى ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئۇنداق روشەن ئەمەس. پۇلنى بوشىتىش سىياسىتىگە كەلسەك، ئىلگىرى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتىمۇ بۇ سىياسەت قۇرالىنى ئىشلىتىشكە مايىل بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئەمەلىيەت ئۈنۈمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە يىنى كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ياپونىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ پۈتۈنلەي پايدىلىق خەۋەر ئەمەس. چۈنكى ياپونىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى، ھەر يىلى زور مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تەمىنلەيدۇ، ياپونىيە يىنى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىشى ياپونىيەنىڭ ئېلېكتىر تەننەرقىنى شۈبھىسىزكى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاپتوموبىل كەسپى باشچىلىقىدىكى ياپونىيەنىڭ ئېكسپورت كارخانىلىرى ياپونىيە يىنى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىگە تايىنىپلا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەي، مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇشۇلما قىممىتى بىلەن رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئامېرىكىنىڭ «مالىيە خەۋىپى» كىرزىسىنى ھەل قىلغانلىقى ھەمدە ياپونىيە يىنىنىڭ داۋاملىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئوڭشىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئابىشىنزۇنىڭ زور كۈچ بىلەن تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا، 2013-يىلى ياپونىيە ئىقتىسادىدا ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ، ئەمما مەسىلە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۈرەكلىك ھالدا قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بارالايدۇ-يوق؟ ياپونىيە كارخانىلىرى يېڭى ۋەزىيەتتە رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر بۇلارنى قىلالمىسا، كەلگۈسىدە ياپونىيە ئىقتىسادىي تېخىمۇ ئېغىر خەۋىپكە دۇچ كېلىدۇ.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە