- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكىدا ئون يىلدا 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش تەشەببۇس قىلىندى
2012.12.05 10:34
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭىش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېرناند قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى 3- دېكابىر پىرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ، مالىيە خەتىرىدىكى 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى لايىھەسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى باجنى ئازايتىش سىياسىتىنى ئۇزارتىشنى ۋە باجدىكى يوچۇقلارنى ئازايتىش، داۋالىنىش قاتارلىق پاراۋانلىق چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يىل ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى مۇرەسسەلىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا شەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىق باج نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتىدىغان مالىيەنى قىسىش ۋەزىيىتىگە يولۇقىدۇ، بۇ مالىيە خەتىرى دەپ ئاتالدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشچە، ئىككى پارتىيە ئەڭ ئاخىردا بىر-بىرىگە يول قويۇشى ۋە مۇرەسسەلىشىش كېلىشى لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىنكەن. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە