باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە قارىتا دېڭىز ترانسپورتى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

2012.12.05 10:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياپونىيە چاۋشيەننىڭ خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىغا راكىتا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ياپونىيە دېڭىز ئامانلىقىنى ساقلاش ۋازارىتى 3-دېكابىر راكىتانىڭ پارچىلىرى چۈشىدىغان دېڭىز ئەتراپىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز قاتنىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار پاراخوتلارنىڭ دېققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.

  ياپونىيە زېمىن قاتناش ۋازارىتى ئالەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى چاۋشيەن ئۇقتۇرغان ئالاقىدار خەتەرلىك ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا قاتنىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىدىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ دېققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە