باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر: بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاق تەشكىللەش ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىمىز

2012.11.12 14:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە كېڭىشىشكە قاتنىشىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى تۈنۈگۈن: بىرلىككە كەلگەن «سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابى كۈچ مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى» تەشكىللەش ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق ھەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق دېدى.

  «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى»نىڭ ۋەكىلى زاھىد ئابۇ خامادان تونۇشتۇرۇپ: كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن باشقا ھەر قايسى گۇرۇھلار يەنە بىر فوند قۇرۇپ، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاشقا قوشۇلدى دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىتتىپاقتا 60 ئورۇن بار بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» 22 ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەڭ چوڭ گۇرۇھ ھېسابلىنىدىكەن . ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت، ئەدلىيە ئورگىنى، ھەربىي ئورگان ۋە قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش تەشكىلاتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدىكەن.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە