باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىپ ئىلتىماس سۇنۇشتا چىڭ تۇردى

2012.11.12 14:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس تۈنۈگۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رامئاللاھتا ئاراپات ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ سەككىز يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىلتىماس سۇنۇشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بېكىتتى.

  پەلەستىننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: پەلەستىن 15-نويابىر پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 24 يىللىقى خاتىرە كۈنى پەيتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ.

  2011-يىلى سېنتەبىر، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قارشى تۇرغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. پەلەستىن بۇ يىل سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ناۋادا پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولسا، ئەخلاق ۋە مەنىۋى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى باشقا ئورگانلارغىمۇ قاتنىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق سىياسىي شارائىت يارىتالايدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە