باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل پارتىيەلىرى 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2012.11.12 14:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە بىر قىسىم چەتئەل سىياسىئونلىرى ۋە پارتىيىلەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان بەس-بەستە خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فىلىپپىن خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، پارلامېنت باشلىقى ئېنرىلېنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپنىڭ جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ھىندىستان ئالغا ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى بىسۋاسنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكسەك ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئىلمىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىگە باغلىق. 18-قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىرى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ھىندونېزىيە ئادىل گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يىسا تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياراتقان ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۆجىزىلىرىگە شاھىد بولدى. 18-قۇرۇلتاي جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات گۈللەپ روناق تېپىش ۋە ئىناقلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

  يامايكا خەلق مىللىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پىككىسگىلنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: يامايكا خەلق مىللىي پارتىيىسى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. 40 يىل بۇرۇن، خەلق مىللىي پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە بىز ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

  مېكسىكا دۆلەتلىك ھەرىكەت پارتىيىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۇجىسى كورتېز تەبرىك خېتىدە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقى، قۇرۇلتاينىڭ جۇڭگونى داۋاملىق گۈللەپ روناق تېپىش يولىغا باشلايدىغانلىقى، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}