باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: رۇسىيە ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى لازىم

2012.06.13 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن موسكۋادىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى، بۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامما تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن نۇتۇق سۆزلەپ، «رۇسىيە ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى لازىم» دېدى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى زەئىپلەشتۈرىدىغان ۋە خەلقنى پارچىلايدىغان ئىشلارغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. سۆھبەتلىشىش ۋە مۇرەسسەلىشىش ھەممىدىن مۇھىم. رۇسىيەنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. بۇنداق قىزغىن بەس-مۇنازىرىنىڭ بولۇشى بىر ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتكە نىسبەتەن نورمال ئىش، كىشىلەر مۇشۇنداق دۆلەتتە ياشاشنى خالايدۇ.(شى شياۋخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە