باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە يېقىن رايون ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2012.06.12 16:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:سۈرىيە دائىرىلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پايتەخت دەمەشىقتىكى سۈرىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە يېقىن رايون 10-ئىيۇن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ زېنىت توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشدىكى مەقسىتى سۈرىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولسىمۇ، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايوندا يېقىندىن بۇيان دائىم سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنى نازارەت قىلىش ئۆمىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.

  2011-يىلى 3-ئايدا سۈرىيەدە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پايتەخت دەمەشىقتە دائىم ھۆكۈمەت ئارمىيە بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆلۈم-يېتىم بولۇپ تۇردى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە