باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېخ كېدىس پاجىئەسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2012.06.12 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

-ئىيۇن، پراگاغا يېقىن جايدىكى كېدىس كەنتىدە چېخ ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نىچاس خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:چېخ ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نىچاس بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نىمۇزوۋا ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېختا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋە ھەرساھە ئاممىسىدىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى تۈنۈگۈن پراگاغا يېقىن جايدىكى كېدىس كەنتىدە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، كېدىس قىرغىنچىلىق پاجىئەسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلىدى.

  كېدىس پاجىئەسى 1942- يىلى 6-ئايدا يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ناتسىس گېرمانىيە ئارمىيەسى كېدىس كەنت ئاھاللىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسىرىنى ئۆلتۈرگەن چېخ پارتىزانلىرىنى يوشۇرغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن كەنتتىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، 15 ياشتىن يۇقىرى 173 ئەرنى ئۆلتۈرگەن، ئۇندىن باشقا 88 ئۆسمۈرنى لاگېردا زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرگەن.

  ناچاس بىلەن ئىموزۇۋا گېرمانىيە پىرېزىدېنتىنىڭ 8-ئىيۇن چىخ پىرېزىدېنتىغا خەت يېزىپ كېدىس چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدىن ئەپۇ سورىغانلىقىغا، ھەمدە گېرمانىيەنىڭ بۇ ئىشتىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە يۇقىرى بار بەردى.
10-ئىيۇن، پراگاغا يېقىن جايدىكى كېدىس كەنتىدە بىر بالا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇق ماشىنىسىنى پاجىئەدە قازا قىلغان كىچىك بالىنىڭ قەبرىسىگە قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە