باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى
يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3373كە يەتتى، يوقۇلۇپ كەتكەنلەر 15 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
2011.03.16 15:25    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
3-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ تەرتىپلىك قايتىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 20:30 گىچە مىياگى ناھىيەسىنىڭ شيەنتەي يىغىلىش جايىدىن بەش يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى قايتىدىغانلارنى ئېلىپ يولغا چىقتى. (جىڭخۇا گېزىتى مۇخبىرى جاڭ مو فوتوسى)
  «خەلق گېزىتى»نىڭ 15-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ساقچى دائىرلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 20گىچە يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە 3373 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقۇلۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جاي مىياگى، ئىۋاتې ۋە فۇكۇشىما ناھىيەسى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدا تەخمىنەن 440 مىڭ ئامما پاناھلىنىۋېتىپتۇ، ھەرقايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك بولۇپ، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل ئىكەن.

  ياپونىيە فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۆت گېنراتورلار گۇرۇپپىسى تۆت كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتىلىغان. پاپونىيە باش ۋەزىرى ناتو كەن 15-چېسلا رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ناتو كەن ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 15-چېسلا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ تەرتىپلىك قايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كونكرېت قايتۇرۇش لايىھەسى، يىغىلىدىغان ئورۇن، ئالاقىلىشىدىغان ئادەمنى جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تورىغا چىقىپ كۆرۈڭلار دېيىلدى. (يۈ چىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved