باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 1800دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانلىقىنى، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2011.03.15 16:41    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  «خەلق گېزىتى»نىڭ 14-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ 11-چېسلا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 1800دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانلىقىنى، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  14-چېسلا ئاپەتتىن كېيىنكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى ۋە پېرىۋوت چېكى بازىرى سودا كۈنى. پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيەدىكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توختاپ قالدى، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، 633.94 ۋە 9620.49 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، چۈشۈش نىسبىتى ٪6.18 كە يېتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ زور چۈشۈش بولۇپ قالدى.

  توك بىلەن تەمىنلەش يېتىشمىگەنلىكتىن، 13-چېسلا كەچتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى «توك بىلەن پىلانلىق تەمىنلەش» تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، يەنى توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 8 ناھىيەنى 5 گۇرۇپپىغا ئايرىپ، نۆۋەت بىلەن ھەر گۇرۇپپىدا كۈنىگە 3 سائەت توك توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  14-چېسلا سائەت 11دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پارتلاپ كەتتى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى نەق مەيداندا 6 ئادەم يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

  14-چېسلا سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتكە جىددىي ئەھۋال ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ 1- ۋە 3-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پارتلاش جەريانىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، 2- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پارتلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن زور، دەپ قارىدى.(يۈ چىڭ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved