«بازا تەشكىلاتى» تارماق گورۇپپىسى باغدادتىكى پارتلاشقا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى
2009.10.28 15:52
گېزىتىمىز قاھىرە 27-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارماق ئاپپاراتى «ئىراق ئىسلام دۆلىتى» 26-چېسلا ئىنتىرنېتتا بايانات ئېلان قىلىپ، 25-ئۆكتەبىر باغدادتا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ تەشكىلات باياناتتا، پارتلاش پەقەتلا «ئەسىرلەرنىڭ قايتۇرما زەربىسى» قاتارىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دېدى.
ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئاسكارى مۇنداق دېدى. پاكىتلاردىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم «بازا» تەشكىلاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا يەنە سادام دەۋرىدىكى ئەرەب قايتا گۈللىنىش سوتسىئالىستلار پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. (مۇخبىر لى شياۋ)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)