ئىراقتا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇم يېڭى توقۇنۇش پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان
2009.10.27 14:53
ئەرەب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 26-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 25-چىسلا ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل پارتلاش ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 160 ئادەم ئۆلۈپ، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. نۇرغۇن كىشلەر ئېغىر يارىلانغان بولغاچقا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن.
تېرورلۇق ھۇجۇم ئىراقنى ۋەھىمىگە سالدى، شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىمۇ ۋەھىمىگە سالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئېران قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر بەس –بەستە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانلىق تېرورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىپلىدى.
ئىككى ئاي بۇرۇنقى 19-ئاۋغۇست كۈنى، باغدادقا جايلاشقان ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى بىناسى ئاپتوموبىل پارتلاش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۈزگە يېقىن ئادەم ئۆلگەن. شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇ ۋەقەنى «چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگەن. لېكىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنكى تېخمۇ قورقۇنچلۇق چۈش كىشلەرنى تېخمۇ چوڭقۇر ئازاپقا سالدى.
جامائەت پىكرىدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، مالىك ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئابرويىنىڭ يەنە بىر قېتىم زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، باغداد ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىكەن. ئەمما مالىك ھۆكۈمىتى بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى تاماملىيالامدۇ ــ يوق، بۇ يەنىلا نامەلۇم.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)