باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

ئونسۇ ناھىيەسىدىن جېيجىياڭغا بېرىپ تەربىيەلەنگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئۆز كارامىتىنى جارى قىلدۇرماقتا

2015.04.22 11:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: 2011-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 23 مىڭ ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە شەھەر ۋە مىنىستىرلىق كومىتېتقا قاراشلىق 188 ئالىي مەكتەپتە ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى. نۆۋەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ يېڭى ئىش ئورنىغا چىقتى.

  ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئونسۇ ناھىيەسىدىن 2-تۈركۈمدە جېجياڭغا بېرىپ تەربىيەلەنگەن 142 كۇرسانت قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان ئۆز خىزمەت ئورنىدا جان كۆيدۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ كارامىتىنى نامايان قىلدى.

  ئاسىگۈل ئابلىمىت جېجياڭدا تەربىيەلەنگەن 142 نەپەر كۇرسانتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ جېجياڭدىكى ئىككى يىللىق تەربىيەلەش داۋامىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نىڭبو تېببىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا بىر يېرىم يىل كىلىنىكىلىق پەرۋىش بىلىملىرىنى ئۆگەندى. ئارقىدىن جىنخۇا شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلدى. ناھىيەمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن توخۇلا يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دورىگەرلىك بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى. بىر يىلدىن بۇيان ئاسىگۈل ئابلىمىت باشقا يولداشلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ھەر بىر بىمارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن تېببىي خادىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، شىپاخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق شىپاخانىنىڭ سېستراسى ئاسىگۈل ئابلىمىت: مەن جېجياڭدا ئىككى يىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن توخۇلا يېزىلىق شىپاخانىغا تەقسىم قىلىندىم. خىزمەت داۋامىدا مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قارىتىپ جېجياڭدا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ھەر بىر بىمارغا ئىشلىتىپ، يېزىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتۇم.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ قوش تىللىق كادىرلار كۈچىنى تولۇقلاش، بىر تۈركۈم ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئونسۇ ناھىيەسى ۋىلايەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسە -2011يىلى 3-ئايدىن باشلاپ 287 نەپەر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ جېجياڭغا ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى. 2-تۈركۈمدە جېجياڭغا بېرىپ تەربىيەلەنگەن كۇرسانتلار جېجياڭدا ئىككى يىللىق ئۆگىنىش ۋە پىراكتىكىنى تۈگەتكەندىن كېيىن 2014-يىلى 1-ئايدا ئونسۇ ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ھەمدە يېزا بازارلاردىكى مۇناسىپ ئىش ئورنى بويىچە يېرىم يىل پىراكتىكا قىلغاندىن كېيىن تولۇق سوممىلىق كەسپىي ئىشتاتقا كىرگۈزۈلۈپ خىزمەت ئورنىغا چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىقتىسادىي مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا بەش ئادەم، ياشانغانلار ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا 38 ئادەم، يېزا سەھىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا 27 ئادەم، يېزا قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى 40 ئادەم، قوش تىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى 32 ئادەم. توخۇلا يېزىلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى لىيۇ جىڭ: ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ شىپاخانىغا جېجياڭدا تەربىيەلىنىپ كەلگەن 3 كۇرسانت تەقسىم قىلىنغان ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان ئۇلار ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملەرنى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا قوللىنىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقتى. دېھقان چارۋىچىلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. سەھىيە سىستېمىسى تەشكىللىگەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىشى بىلىملىرىدىن زېھنى سىناش مۇسابىقىسى ۋە ئويۇن قۇيۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناھىيەمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر