باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىلىرىگە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ بەردى

2015.04.22 11:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان خەۋىرى:ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يەرلىك تەزكىرە كومىتېتىدىن ئونسۇ ناھيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ئۆستەڭ ئۇزۇندىن بېرى رېمونت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى ئەتىيازلىق سۇغىرىش مەزگىلىدە سۇ سىڭىپ كېتىپ ئېغىر دەرىجىدىكى سۇ ئىسراپچىلىقى يۈز بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.ھەمدە 2-ئايدىن باشلاپ 1 مىليون 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنتكە 653 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىنىڭ سۇ سىڭمەس ئۆستىڭى ئالدىنقى ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى رېمونت قىلىنمىغاچقا ھەر يىلى ئەتىيازلىق سۇغىرىش مەزگىلىدە كەنت نۇرغۇن ئادەم تەشكىللەپ لاي لاتقىلارنى تازىلايدىكەن. ئۆستەڭنىڭ سۇ سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە سۇ ئىسراپچىلىقى يۈز بېرىپ دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. يېڭى ياسالغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ پۈتۈن سېمونت قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان سۇ سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، سۇ ئىسراپچىلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنغان.

  توخۇلا يېزا ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنت ئاھالىسى نۇردۇن تۇرەك مۇنداق دېدى: بۇ ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن سۇ قۇيىدىغاندا بەك ئۇزۇن ساقلىمىساقمۇ بولىدغان بولدى. سۇ سىڭىپ كەتمەيدىكەن، يىلدا ۋاقىتلىق ئۆستەڭ چاپمىساقمۇ بولىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايون يەرلىك تەزكىرە كومىتېتىدىن توخۇلا يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 3 نى قولغا كەلتۈردۇق. ئارقامدىكى بۇ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭگە جەمئىي 1 مىليون 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاپ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى پۈتتۈرۈش پىلانلانغان ئىدى، ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ %70 ئى پۈتتى.بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ئۆستىڭى دېيىشكە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر