باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

ئونسۇلۇق ئىستۇدېنت يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئىنقىلابى بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش ئارزۇسىدا چىڭ تۇردى

2015.04.22 11:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز تۇردى راھمان، تۇرغۇن تۇنىياز خەۋىرى: بازار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپ ياشلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىدى.بىراق ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزىسىدىكى ئىستۇدېنت قۇربانجان توختى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ ئىنقىلابى بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تاللىدى. بۇ يىل 23 ياش كىرگەن قۇربانجان توختى شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنت بولۇپ، پىراكتىكا مەزگىلدە ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە ئۇرۇن ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەمدە ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق كىچىكىدىن باشلاپ ئاتىسىنىڭ يىغىپ ساقلاش توغرىسىدىكى ھېكايىسى قۇلىقىغا سىڭىپ كەتكەن، ئاتىسى يىغىپ ساقلىغان 15 مىڭ پارچە تۈرلۈك قىزىل ئەسەرلەر قەبىلىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان قۇربانجان توختى بۇنىڭ غايەت زور بايلىق ھەم ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  قۇربانجان توختى: كىچىكىمدىن باشلاپ دادام ماڭا تەربىيە بازىسى ۋە قىزىل كىتابلار توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەتتى. مەنمۇ بۇ كىتابلارنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، ھەم دادام قېرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھازىر دادام ياشىنىپ قالدى. چوقۇم بىرەر ئادەم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

  ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان قۇربانجان توختى مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىمىدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملارغا رەت نومۇرى سېلىپ تۈجۈپىلەش باشقۇرۇشنى سىناق قىلدى. ھەمدە تورنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسىنى كېڭەيتىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى تەربىيەگە ئىگە قىلماقچى بولدى. ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزا ئاھالىسى ئەلاخان نىياز: قۇربانجان ئالى مەكتەپتە كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، قىشلىق تەتىلدە نۇرغۇن كىچىك دوستلارغا كومپيۇتېر ئۆگىتىپ قويدى. مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  قۇربانجان توختى: مەن يىغىپ ساقلاشقا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

  توختى سايىمنىڭ ئايالى مېيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، بىر ئوغۇل، بىر قىزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى ھەمدە چوڭ شەھەردە قېلىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇ ئوغلىنىڭ قارارىغا قوشۇلمىدى، كېيىن ئوغلىنىڭ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىشى ھەم يېرىم ئۆمۈر سەرپ قىلغان قان- تەرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئوغلىنىڭ تاللىشىنى قوللىدى. توختى سايىم: ئوغلۇم بۇ يىل 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدە ياخشى خىزمەت تاپقان ئىدى.بىراق ئۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ كۆلەمنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى تاللىدى، مەن ئوغلۇمدىن پەخرلىنىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر