ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز غالىپ تۇرسۇن ، رەيھانگۈل ھېكىم خەۋىرى ، فوتۇسى:بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان 1500 دىن ئارتۇق ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ، « مەن ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زات » ، « مەن جوڭگۇ پۇقراسى » ، « مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇش » ، « بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئەسەبىي ئىدىيە ۋە قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش » ، « قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش » تېمىسىدا قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى .
سۈرەتتە : چېدىر يېزىسىدىكى دىننىي زاتلار قەسەم بەرمەكتە .
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى