خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 11 يېزا ، بازار ۋە 65 مەمۇرىي كەنىتتىكى 20 مىڭغا يېقىن كەڭ خانىم – قىزلار ئارىسىدا « ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش » ، « مەن جوڭگۇ پۇقراسى » ، « گۈزەللىك قۇرۇلىشى ئارقىلىق زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىش » ۋە « ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ ، قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلايلى » تېمىسىدا قەسەم بېرىش ، پىلاكاتقا ئىمزا قۇيۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى .
سۈرەتتە : خانىم – قىزلار پىلاكاتقا ئىمزا قويماقتا . غالىپ تۇرسۇن فوتۇسى
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى