- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن سايرام بازىرىنىڭ بەش كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئەلنى مايىل قىلدى
2015.04.03 17:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -3 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى 2-تۈركۈمدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە باي ناھىيە سايرام بازىرىنىڭ بەش كەنتكە چۈشكەن بولۇپ، بۇ خىزمەت باشلانغان بىر ئايدىن بۇيان، 1 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، سايرام بازىرىنىڭ بۇ يىللىق كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش خىزمىتىگە سەرىپ قىلدى. بۇنىڭدىن يېڭىدىن 600 مو ياڭاقنىڭ تىكىلىشىگە، 4000 مودىن ئارتۇق مىۋىلىك باغنىڭ تولۇقلاپ تىكىلىشىگە ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، سايرام بازىرىنىڭ 15 كەنت، گۇرۇپپىدىكى دېھقانلارنى ھەقسىز ياڭاق كۆچىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارغا نەپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 170 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى چالغۇ ئەسۋاپ سېتىۋېلىپ، بەش كەنت، ئىككى مەكتەپكە تەغدىم قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇلىشىغا ئاساس سالدى.
(باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن:قۇربان سايىم)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر