سۈرەتتە: مىچىغ يېزا قۇممەھەللە كەنتىدىكى پەرىدەم تۇنياز مۇكاپاتلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىر تراكتۇر مۇكاپات ئالدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -3 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:باي ناھىيەسى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ۋە قىزىقارلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتلامغا بۆلۈپ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى، يېزا- كەنىتلەر مۇسابىقىسى، ئىجتىمائىي رايونلار مۇسابىقىسى ۋە ماھىرلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار چوڭ مۇكاپاتلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى مەنىۋى ئوزۇقلاندۇرۇپ ھەم ماددىي مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى .
باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن:قۇربان سايىم
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى