تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېزا ئاياللىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن ئاۋات يېزىسى بىرلىكتە بۇ يېزىدا «ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن 140 نەپەر ئايال ماھىر ئورۇندۇق تالىشىش، پۇتىنى باغلاپ يۈگۈرۈش، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى.سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
ئادىرىسى: قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى