- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى
2014.12.08 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى ، پوسكام ناھيەسى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي لىنىيە ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ ، 4500 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ، يېزا-كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.يېقىندا بۇ ناھيەنىڭ بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى دېھقان زۇلنار قۇندۇز بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېلىپ بەرگەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ سۇ ، توك ، يول ، گاز قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئۆيدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر