باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

ئونسۇ ناھىيىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن يالغۇز پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلىدى

2014.12.08 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، تۇردى راخمانلار خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ يالغۇز پەرزەنتلىرى ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇشقا ئۆتسە دۆلەتنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ناھىيە مالىيەسى بەرگەن 2000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى.

  ئونسۇ بازىرىدىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلە باشلىقى يۈەن يۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالدىم. پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، ھازىر سىياسەت ياخشى. بارلىق ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى بارلىق ئائىلىلەرنى ئاز تۇغۇپ سۈپەتلىك تەربىيىلەش، بالىلىرىنى يۇقىرى ساپالىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش. ئىگىلىنىشىچە، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئۆتسە ئايرىم ئايرىم ھالدا 6000 يۈەن، 4000 يۈەن، 2000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر