باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

ۋېنجۇ شەھىرى باي ناھىيەسىگە مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ بەردى

2014.11.26 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق باش شىتابى 7 مىليون 440 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان باي ناھىيە باي بازىرى شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى يېقىندا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

  20-نويابىر باي بازىرى شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى خىزمەت بىناسى ئالدى بەكلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى، جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھرى قۇرۇپ بەرگەن شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مۇراسىمى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلدى، يۈزلىگەن ئامما ناخشا-ئۇسسۇللىرى بىلەن ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ خالىس تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. باي بازىرى شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى بىناسىنىڭ كۆلىمى 2500 كۋادراتمېتىر، قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن يەر كۆلىمى 5 مو بولۇپ، ۋېنجۇ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق باش شىتابى 7 مىليون 440 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان بۇ قۇرۇلۇش 18-نويابىر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر