باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

ۋاڭ خاۋيىن: پېردۇس مېنىڭ ئۇيغۇر قىزىم

2014.11.06 23:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد

  28 ياشلىق پېردۇس ئىسرائىل غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭ مەھەللەدىن بولۇپ، ئەقلى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن مېيىپ قىز ئىدى. بويى 1.4 مېتر كېلىدىغان بۇ قىزنى 30–ئۆكتەبىر غۇلجا شەھەرلىك «قازانچى» مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائەت بازىسىغا جايلاشقان «ماكائىن» مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قاچىلاش، تىكىش سېخىدا كۆردۈم، كۈلۈپلا تۇرىدىغان پېردۇس ئەپچىل قوللىرى بىلەن كىچىك خالتىغا ئۇستىقۇددۇس قاچىلاۋاتاتتى، ياندا يەنە باشقا ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قىزلار تۈرلۈك ياستۇق قېپى، خالتىلارنى تىكىش ۋە قاچىلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى.

  ـــ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان 70 نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدە 40 دەكى مېيىپلار،ــــ دېدى مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن غۇلجا شەھەرلىك «قازانچى» مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائەت بازىسىنىڭ مۇدىرى كەي فۇئېر ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.

  ـــ 2012–يىلى ئاپرېلنىڭ بېشىدا بىر ئۇيغۇر موماي نەۋرە قىزىنى ئېلىپ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، نېمە ئىشى بارلىقىنى سورىسام ئۇ موماي ماڭا پېردۇسنى كۆرسىتىپ، بۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرە قىزى ئىكەنلىكى، ئاتا– ئانىسىنىڭ بالدۇرلا قازا قىلىپ كەتكەنلىكىنى، مېيىپ بولغاچقا، تۇرمۇشىنى ئېلىپ كېتەلمىگەنلىكىنى، مۇشۇ يەردە بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنى ئېلىپ قالدىم،ــــ دېدى شىركەت باش لىدېرى ۋاڭ خاۋيىن ماڭا،ــــ ئىيۇلدا پېردۇسنىڭ مومىسى تۈگەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ئىگە–چاقىسىزلا قالدى. ئاخىرى ئۇنى ئۆزۈم بېقىۋېلىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاپا بولدۇم. بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان بۇرۇن ھېچ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئايدىكى 300 يۈەنلىك تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىمىسى بىلەن جان كەچۈرىۋاتقان بۇ قىزچاقنىڭ قولى ئاستا–ئاستا ئىشلارغا كېلىپ، خالتىلارغا مال قاچىلىيالايدىغان، خالتا تىكەلەيدىغان بولدى. مەنمۇ ئىشخانىدىن ياتاق ھازىرلاپ بەردىم. كېيىنچىرەك پېردۇسنىڭ تۇغقانلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولدى. ھازىر ئۇ تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، ھەركۈنى ئىشقا ۋاقتىدا كېلىپ–كېتىدۇ، ئايلىق مائاشىمۇ 1500 يۈەنگە يەتتى.

  ۋاڭ خاۋيىننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ھەقىقەتەن قىزىقىپ قالدىم. بۇنىڭغا ئۇ «مەنمۇ مېيىپ ئايال» دەپ جاۋاپ بەردى.

  2000-يىلىدىن باشلاپ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەت بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋاڭ خاۋيىننىڭ چىرايىدىن، مېڭىش تۇرۇشىدىن ھېچقانداق مېيىپلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009–يىلى ئەتىيازدىكى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا بوينىغا 22 سانتىمېترلىق ئىككى پولات مىخ ئۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ كارىۋاتتا بىر يىل ياتقان. 2010–يىلى ئېرىنىڭ مېڭىسىگە قان قۇيۇلۇپ پارالىچ بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشەلمىگەن. ئەمدىلا ساقايغان ۋاڭ خاۋيىن دەرھال بۇرۇنقى ئوقىتىنى قايتىدىن قولغا ئېلىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۇستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ دەرھال ئۈچ يىل بۇرۇن تىزىملاتقان «جۇپار» ماركىسىنى ئىشلىتىپ ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان.

  ـــ تۇرمۇش بېسىمى مېنى نۇرغۇن كۈنلەرنى كۆردۈردى. ئۆزۈمنىڭ ساپ–ساق ئادەمدىن بىر مېيىپقا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ئويلىسام كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم بولىدۇ، لېكىن ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن مېيىپلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇلارغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرەلىگىنىمنى ئويلىغىنىمدا ئۆزۈمنى ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلغاندەك ھېس قىلىپ خۇشال بولىمەن. بۇلتۇر بۇ سانائەت بازىسى قۇرۇلغاندا شەھەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يەرگە كەلدىم. پارتىيە–ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدە ھازىرغىچە ئىشلىرىم ناھايىتى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى نىشانىم ھازىرقى كۆلەم ئاساسىدا زاۋۇت كۆلىمىنى يەنە بەش ھەسسە كېڭەيتىپ، قورغاس ئالاھىدە رايونىدا بىر مەخسۇس سېتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشىگە شارائىت ھازىرلاش. ھازىر مېنىڭ يىللىق سېتىش سوممام 3 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئەگەر سىياسەت داۋاملىق مۇشۇنداق بىزگە مايىل بولسا ئۈچ يىلغىچە سېتىش سوممىسىنى 10 مىليون يۈەنگە، 300 گە يېقىن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىمەن،ــــ دېدى ۋاڭ خاۋيىن ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر