باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

خۇنەنلىك ئوغۇل قىزلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ يېڭى سەھىپە ئاچتى

2015.01.21 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمانلار خەۋەر قىلىدۇ) ئونسۇ ناھيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا شۇنداق بىر توپ ياشلار باركى ئۇلار پېشقەدەم زىيالىي ياشلارنىڭ قولىدىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تەدرىجىي ھالدا چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچكە ئايلاندى، ۋەتەننىڭ غەربى قىسىم چېگرا رايونىدا« قۇرۇلۇش قىسمى ،مۇستەھكەم تۈۋرۈك، پولات قۇرغان » لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنىنى بۇ تۇپراققا سەرپ قىلىپ، ئوتلۇق مېھرى ۋە ياشلىق باھارى ئارقىلىق گۈزەل قەسىدىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. ئۇلار بولسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىستودېنتلاردۇر.

  2014-يىلى مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمى خۇنەن بىلەن شەندۇڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدىكى شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئىستودېنتلارنى قوبۇل قىلىپ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام 1-سېپىدە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. خۇنەندىن كەلگەن جۇ زىلى، ۋۇ خەيبىن، جىياڭ لىمېي، جىيا گۇاڭمىڭ قاتارلىق تۆتەيلەن توخۇلا يېزىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مۇخبىر ئۇنىڭدىن: سىز شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكىنى بىلەمتىڭىز دەپ سورىغاندا؟

  ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ئىلگىرى مەن شىنجاڭ مېۋە چېۋىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارقالغان، ھەممە ئادەم ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر بىر جاي دەپ بىلەتتىم. بىراق يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بەزى سەلبىي خەۋەرلەرنى كۆرۈپ قالدىم، شۇڭا شىنجاڭغا بولغان تونۇشۇم مۈجمەل ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭغا بولغان تونۇشۇمنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

  مۇخبىر يەنى مۇنداق دەپ سورىدى: ئائىلىڭىزدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىشىڭىزگە قارىشى تۇرمىدىمۇ؟

  ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: شىنجاڭغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان چوڭلاردىن سورىغان ئىدىم. ئۇ مەن 10 نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا بارغان، 30 نەچچە يىللىق كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمەم شىنجاڭدا تۇرغان ۋاقتىم دەپ ماڭا ئىلھام بەردى.

  ئۇلار ھازىر جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش، شىنجاڭنىڭ تولۇق چۈشەنمەسلىكتىن ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەشكىچە بولغان ھەر بىر قەدەمدە ئونسۇدىن ئىبارەت بۇ ئوتلۇق زېمىندا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى.

  جۇ زىلى مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بۇ يەردە يىلتىز تارتىش ئىرادەم ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. كېيىن تەربىيىلەش، باشقا جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، يول بويىچە گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈش، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم. مېنىڭچە بۇ يەر ناھايىتى ياخشى ئىكەن. مېنىڭ كۈچۈم چەكلىك، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن. بىراق ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شىنجاڭ ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلايمەن.

  جاڭ چۈنشىيەن شۇجى ئۇلارغا يازغان خېتىدە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:«سىلەر تەڭرىتاغ قارغېيى، بوستانلىقتىكى سۇۋادان تىرەك، چۆلدىكى يۇلغۇن، قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش تەرەپ تەرەپتىن شىنجاڭدا يىلتىز تارتتىڭلار» دەپ كۆرسەتتى. شۇجىنىڭ سۆزى ئۇلارغا زور ئىلھام بولدى. ئۇلار جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىناق ئىتتىپاق، گۈللەپ تەرەققىي قىلغان، مەدەنىي، خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەيدىغان سوتسىيالىستىك شىجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر