باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

قەشقەر شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈر قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

2014.11.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل قەشقەر شەھىرى تۈر قۇرۇلىشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆز قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈر قۇرۇلىشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

  بۇ شەھەردىكىلەر تۈر قۇرۇلىشىغا رەھبەرلىك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «بىرمۇ بىر» ياردەم بىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، تۈر قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يولۇققان قىينچىلىق ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈر قۇرۇلىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل قەشقەر شەھىرى يولغا قويغان شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈر قۇرۇلىشى 24، ئومۇمى سېلىنغان مەبلەغ 593 مىليۇن يۇەن بولۇپ، نۆۋەتتە 16 تۈر قۇرۇلىشى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىليۇن يۇەن مەبلەغ سېلىنغان 7195 يۈرۈش خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆي قۇرۇلىشىغا ئىش باشلىنىپ، 11- ئاينىڭ باشلىرىغىچە 6809 ئائىلىنىڭ ئۆيى پۈتۈپ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 360 مىليۇن يۇەن مەبلەغ سېلىنغان شېنجىن-قەشقەر مائارىپ باغچىسىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلىشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ، ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. شەرقىي يېڭى شەھەر رايۇنى شەھەر ئاھاللىرى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلىشىنىڭ گەۋدىسى پۈتتى؛ شېنجىن-قەشقەر زامانىۋى يېزائېگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنىدىكى 125 پارنىك پۈتتى. ئىستۇدىنتلارنى تەربىيەلەش تۈرىدە 427 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، 360 نەپەر ئىستۇدنت ئىشقا چىقىشتىن ئاۋالقى تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا. تىببى خادىملارنى تەربىيەلەش بويىچە قەشقەردىن 10 نەپەر تىببى خادىم شېنجىن شەھىرىگە يېرىم يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدى. 8 تۈرلۈك يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر قۇرۇلىشى ئىچىدە شەھەرلىك ئاشلىق ئامبىرى ساپ ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ گەۋدىسى پۈتتى؛ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا 14 يۈرۈش ئۈسكىنە سېتىۋېلىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلدى؛ ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىغا 3- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2016- يىلى 12- ئايدا تاماملاش پىلانلاندى؛ شەرقىي يېڭى شەھەر رايۇنىدىكى شېنجىن شەھەرچىسىنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى ۋە 59 كىلومېتىر يول قۇرۇلىشىغا رەسمىي ئىش باشلاندى؛ شېنجىن-قەشقەر تەجرىبە مەكتىپى ئورنى بىكىتىلىپ، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا كىردى؛ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورى، جەنۇبى شىنجاڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلىشى جىددى ئىشلەنمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر