- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
« مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتى باي ناھىيىسىگە كىردى
2014.12.08 16:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، شاڭ پىن جەي پېي شىركىتى باي ناھىيە قىزىل يېزا مىس مەھەللە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە پارتا-ئورۇندۇق ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل يېزا مىس مەھەللە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، توقسۇن يېزا يۇقارقى توقسۇن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق تۆت باشلانغۇچ مەكتەپكە 343 تور پارتا-ئورۇندۇق تەقدىم قىلىپ، چەت يىراق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزدى.
باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جىچاڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پىلانى» پائالىيىتىنى جەي پېي ئەپەندى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۇنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پىلانى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن: قۇربان سايىم
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر