باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

ئاددىي ئايال، ئۇلۇغ كېلىن ــ قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل

2014.11.26 19:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (مەدىنۇر ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ ) ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل بازىرى لەنگەر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل ئۈچ يىل ئىلگىرى يولدىشى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق قېينئانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان.

  مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كېتىپمۇ يەنە نېمىشقا قېينئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ مۇنداق دېدى:« شۇنداق، گەرچە مەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولساممۇ، قېينئانام بىلەن باللىرىم يەنىلا ماڭا ئېھتىياجلىق، مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ».

  قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل ھەركۈنى ئەتىگەنلىكى ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ناشتىلىق بىلەن يۈز يۇيىدىغان سۇنى قېينئانىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىدۇ، بالىلىرىنى مەكتەپكە ماڭغۇزغاندىن كېيىن ئېتىزغا ئىش قىلغىلى ماڭىدۇ،ئۆيدىكىلەرگە چۈشلۈك تاماق ئىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۈگىمەس ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەچلىكى ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلگەندىمۇ يەنە شۇ ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن پاتپاراق بولاتتى.. مانا بۇ قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىلنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بىر كۈنلۈك خىزمەتلىرىدۇر.

  بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن رابىخان ئەمەتنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاپ قالغان بولۇپ، ئۆپكە تۇبېركۇلىيوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەريىلى ئاز دېگەندىمۇ بىرەر ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىناتتى، قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل ھەر قېتىم قېيىنسىڭىللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دوختۇرخانىدا نۆۋەت بىلەن قېينئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا يەنە ھەر قېتىملىق داۋالىنىش راسخوتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.«سىز ئاجىرىشىپ كەتكەن تۇرۇپ يەنە نېمىشقا قېينئانىڭىز بىلەن بىرگە تۇرىسىز؟»

  «گەرچە مەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولساممۇ بىراق ئىلگىرىكى يولدىشىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنى يات كۆرۈپ باقمىدى، مەن بۇ ئائىلىگە كىرگىلى 22 يىل بولدى، ئۇلارغا مېھرىم ناھايىتى چوڭقۇر، قېينئاناممۇ مەن بىلەن بىللە تۇرۇشقا كۈنۈپ قالغان، ئەگەر مەن بۇ ئائىلىدىن كەتسەم ئۇ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىدۇ، شۇڭا مەن قېينئانام بىلەن بىرگە تۇرۇپ قېينئانامنىڭ ۋە باللىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن» دېدى قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن.

  قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن قېينئاتام (ئالەمدىن ئۆتكەن) مېنى خۇددى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى، ئۆزىنىڭ قىزلىرىغا نېمە ئالسا مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايتى، ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردا ماڭىمۇ ھېيتلىق بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايتى، ئاغىرىپ قالغانلىرىمدا قېينئانام باشقىلارنى يېقىن يولاتماي ئۆز ئانامدەك ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياردىمىنى ئايىماي باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستۇرمىدى، مەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالسام، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىسەم بولمايدۇ»

  ئىلگىرى نەچچە قېتىم قۇۋانگۈلنىڭ قېينئانىسى رابىخان موماي قۇۋانگۈلگە ئەمدىلا 42 ياشقا كىرگەنلىكىنى، يەنە قايتا ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا قۇۋانگۈل كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:« ئانا سىلى ئۆزەمنىڭ ئانىسىدەك بولۇپ قاللا، داداممۇ سىلىنىڭ يانلىرىدا تۇرۇشۇمغا قوشۇلغان ، ھەم تۆت بالامنى تاشلاپ قايتا ياتلىق بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس، مېنى كەت دېمىسە» دېگىنىدە قېينئانىسىمۇ قۇۋانگۈلنى ئانىلىق مېھرى بىلەن باغرىغا باسقانىدى.

  قۇۋانگۈل ئابدۇخېلىل ھەر يىلى پاختا سېتىپ تاپقان پۇلىدىن 2000 يۈەننى قېينئانىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرەتتى، رابىخان ئەمەت مۇنداق دېدى:«مەن ئۆتكەن يىللىرى كېلىنىمگە ياردەملىشىپ ئاز-تولا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ، بالىلارغا قارىشىپ بېرەلەيتىم، ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا ئۇنىڭغا يۈك بولۇپ قالدىم، ئوغلۇم بىزنىڭ نەسىھەتىمىزنىمۇ ئاڭلىماي ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدى، بىراق ئۇلار ئاجىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن كېلىنىم يەنىلا ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ مېنى ئۆز ئانىسىدەك كۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ، مەن كېلىنىمدىن كۆپ مىننەتدار».

  قۇۋانگۈلنىڭ قېينىسىڭلىسى تۇرسۇنگۈل ھاشىم مۇنداق دېدى: «يەڭگەم ھەقىقەتەن بەك ئاقكۆڭۈل ئايال، ئۇ گەرچە ئاكام بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق بۇرۇنقىدەك ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىشلارنى ئادەتتىكىدەك ئاياللار قىلالمايدۇ، ئۇ بىز ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر