غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىسى يۇقۇرقى تۇرپانيۈزى كەنتى چوڭ مەسجىتىنىڭ ئىمامى شەمشىدىن ھاجىم ئىماملىق قىلغان 24 يىلدىن جامائەت ئارىسىدا خولۇم خوشنىلار ئۆز – ئارا ئىتتىپاق بولۇش، جامائەت ئىتتىپاق بولۇش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە كۆپلەپ تەشۋىق - تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، جامائەتنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشتى. كۆپ قېتىم ئوبلاست، ناھىيە بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» نامىغا نائىل بولدى.
سۈرەتتە: شەمشىدىن ھاجىم (ئوڭدىن 2- كىشى) خولۇم – قوشنىلار بىلەن سۆھبەتتە.
ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى