باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

شىنجاڭغا بولغان مۇھەببەت بىلەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيلى

- ئاخباراتچىلار سېپىدىكى ‹‹ياخشى مۇخبىر–تەسىرلىك ھېكايە›› تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر مۇخبىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خەمىت مەمەتنى زىيارەت

2014.11.12 16:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹سىلەر ياخشى كۆرگەننى بىزمۇ ياخشى كۆرىمىز؛ سىلەر نەپرەتلىنىدىغان ئىشتىن بىزمۇ ئوخشاشلا نەپرەتلىنىمىز، چۈنكى بىز قېرىنداش! زوراۋان – تېررورچىلارغا نىسبەتەن شىنجاڭلىقلار ئەڭ بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر، شىنجاڭلىقلار ئۇلاردىن ھەممىدىن بەكرەك نەپرەتلىنىدۇ. ھەقىقىي شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ ھەقىقىي شىنجاڭلىق قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار <ھازىرقى زامان لېي فېڭ>ى جۇاڭ شىخۇا، <جۇڭگو خۇش ئاۋازى> دىكى پەرھات خالىق، <جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى>دىكى گۈلمىرە مۇھەممەت، <جۇڭگودىكى ئەڭ پەزىلەتلىك ئون كەنت كادىرى> ليۇ گوجۇڭ، ساخاۋەتچى ئالىم خالىق، سوقماق شاھزادىسى ئادىل مەمەتتۇرا››.

  8 – نويابىر مۇخبىرلار بايرىمى كۈنى كەچتە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا 2014 – يىللىق مۇخبىرلار بايرىمى ئالاھىدە پىروگراممىسىنىڭ ‹‹ياخشى مۇخبىر – تەسىرلىك ھېكايە›› پىروگراممىسى نەق مەيدانىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى خەمىت مەمەت چىن يۈرىكىدىن چىققان سۆزلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ، مۇخبىرلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى.

  قىسقىغىنا ئالتە مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا، خەمىت ھاياجانلىق ئىلكىدە شىنجاڭلىق يىگىتكە تەگكەن شېنياڭلىق قىز، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق قوش تىل يەسلىسىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى جۇ لىنانىڭ ھېكايىسىنى؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدا ۋاقىتسىز قۇربان بولغان، ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان قىزىنى ساقلاپ، ئازاپ ئىچىدە قەددىنى رۇسلاپ ياشاۋاتقان مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 79 ياشلىق بوۋاي مەمەت قادىرنىڭ ھېكايىسى قاتارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلىدى، خەمىت مەمەت مۇخبىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن كامېرا ئالدىدا كۆرگەن، مىكرافون ئالدىدا سۆزلىگەن رېئال ۋەقەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭ، نېمىنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 9 – ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئاخباراتچىلىق سېپىگە يۈزلەنگەن ‹‹ياخشى مۇخبىر – تەسىرلىك ھېكايە›› تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە نەچچە ئون مىڭ مۇخبىرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى بېشىدىن كەچۈرگەن، كۆرگەن، ئاڭلىغان رېئال ۋەقەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق زامانىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇردى. بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن خەمىت مەمەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تاللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋاكالىتەن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1 – نۆۋەتلىك ئىستۇدېنتلارنىڭ قوش تىل ئىقتىدارىنى سىناش مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن خەمىت مەمەت ئورتاق تىلنى سۇدەك راۋان سۆزلەيتتى. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، ئاخبارات مەركىزىنىڭ رىياسەتچىسى، مۇخبىر بولغان، چۈشلۈك خەۋەرلەر ۋە كەچلىك خەۋەرلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

  خەمىت مەمەت مۇنداق دېدى: قوش تىل مائارىپى مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى، مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەر بىر كىشى، ھەر قاچان، ھەر ۋاقىت ماڭا شىنجاڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، قانداق قىلغاندا ھەقىقىي بىر خەۋەر مۇخبىرى بولۇشنى ئۆگەتتى.

  جۇ لىنانى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، جۇ لىنانىڭ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى مېھرىبانلىق بىلەن ‹‹بالام، بالام››دەپ ئەركىلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى قوينىغا چىڭ باسقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مەنزىرە خەمىت مەمەتنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايتتى.

  خەمىت مەمەت بۇ يىل شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىۋاسىتە كۆرسىتىش خەۋىرى ‹‹ئىز ۋە ئارزۇ›› پىروگراممىسىغا قاتناشتى، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلدا ئۇنىڭ پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كەچۈرۈپلا قالماي يەنە كەچتە يەيدىغاندا تاماق تەييارلاپ چىگىپ بەرگەن ئايال، يولى بىر بولمىسىمۇ موتوسىكلىتىغا مىنگۈزۈپ ئۇنى مېھمانسارايغا ئاپىرىپ قويغان تاجىك يىگىت خەمىت مەمەتنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدە زىيارەت قىلغان ھەربىيلىككە قاتناشقىنىغا 23 يىل بولغان، ‹‹ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون›› دەپ ئاتالغان ئەۋلىيا قولتۇقى قاراۋۇلخانىسىدا ئۇدا 463 كۈن پوستتا تۇرۇشتەك ھەربىي رايون بويىچە پوستتا تۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان، ئارمىيە بويىچە 2 – دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۆلۈم باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ بوز يەر ئېچىپ كۆچەت تىككەن ھەربىيلىكتىن قايتقان ئەسكەر مەتتوختى تۇرسۇن خەمىتنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايتتى.

  خەمىت مەمەت مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق ئاددىي كىشىلەر ماڭا نېمىنىڭ شىنجاڭچە ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئاتا قىلغان چەكسىز ئاكتىپ كۈچى مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى.

  ھەر بىر مۇخبىرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئاخبارات غايىسى بولۇشى كېرەك. خەمىت مەمەت ياش مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسىپنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، پىراكتىكا قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدىمۇ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى رېپېتىتسىيە قىلسا، نەق مەيداندا ئۇدا مۇخبىرلىق قىلسا ياكى باشقا رىياسەتچىلەرنىڭ ئورنىغا چىقسا دائىم ئۆزىنىڭ ئەڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيەتتى، ھەر بىر ئېغىز سۆزنى يادقا ئالاتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە مەيلى كامېرا ئالدىدىكى مۇخبىر ياكى خەۋەر مۇخبىرى بولسۇن خىزمەتتىن بۇرۇن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش، خىزمەتنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەش مۇخبىرنىڭ ئاساسىي ساپاسى، شۇنداقلا زىيارەت ئوبيېكتىغا بولغان ھۆرمەت ھېسابلىناتتى. ‹‹مۇخبىر چولپان، داڭلىق شەخس ئەمەس، ئۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر خاتىرىلىگۈچى، ئۆز كەسپىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئەمەلىيەتنى چىن ۋە ئوبيېكت خەۋەر قىلىشىمىز، ھەر قېتىملىق زىيارەتنى كەسىپنى سۆيۈش روھى بىلەن ئەستايىدىل تاماملىشىمىز كېرەك››.

  لېكىن خەمىت مەمەت يەنە: ياخشى خەۋەر بېرىش ئۈچۈن بۇ خىزمەتلەرلا كۇپايە قىلمايدۇ، دېدى.

  خىزمەتتە ئۇ دائىم ئۆزىگە خەۋەر بېرىش پەقەتلا ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈنمۇ؟ ئامما قانداق خەۋەر بېرىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدۇ؟ خەۋەر تۈگىگەندىن كېيىن قانداق ئىجتىمائىي ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ؟ مۇخبىر بولۇشتىكى بۇرچىمىز نېمە؟ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز نېمە؟ دېگەندەك سوئاللارنى قوياتتى.

  خەمىت مەمەت مۇنداق دېدى: چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش ماڭا ئوخشاش ياش خەۋەر مۇخبىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا رىقابەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن خەۋەر مۇخبىرى مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىش، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىش شىنجاڭلىقنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، بىر خەۋەر مۇخبىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت.

  1200 كۈن جەڭگاھنى ساقلىغان ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى جياۋ شياڭ، 29ھاسا بىلەن ئاخبارات غايىسىنى داۋاملاشتۇرغان خۇنەن ‹‹بۈگۈنكى ئاياللار گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى تەن لىخې، يېرىم ئۆمۈر ياش تۆككەن بولسىمۇ، قىلچە پۇشايمان قىلمايدىغان ‹‹نۇر گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى جېڭ پۇمىڭ... بۇ مۇنەۋۋەر سەپداشلارنىڭ ھېكايىسى خەمىت مەمەتنىڭ قەلب تارىنى چەكتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ پېشقەدەملەرنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن بىر مۇنەۋۋەر مۇخبىرنىڭ يۈكسەك ئاخبارات غايىسىگە بولغان توختاۋسىز ئىنتىلىشى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئادىللىق ئالدىدا جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم، ‹‹مۇخبىر›› دېگەن سۆزنى سۆيىمەن ۋە بۇ كەسىپنى ھۆرمەتلەيمەن.

  خەمىت مەمەت مۇنداق دېدى: سەھنىدە سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭلا ھېكايىسى ئەمەس، ئۇ شەخسكە ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى شىنجاڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر شىنجاڭلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇتۇقنىڭ ئاخىرىدا دېگىنىمگە ئوخشاش: دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم زىيارەت قىلغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھېكايىسى، مانا بۇ شىنجاڭلىقلار ماڭا قانداق قىلغاندا ھەقىقىي مۇخبىر بولۇشنى ئۆگەتتى. قېرىنداشلار، دوستلار كېلىڭلار، شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، مەردانە شىنجاڭلىقلار بىلەن دوستلىشىڭلار. ئەنە شۇ چاغدا ‹‹مانا بۇ شىنجاڭلىقلار!›› دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر