باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

ئاۋامنىڭ ئىچىملىك سۈيى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقانلار

2014.11.11 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۇەن - مەيدانلاردا زىيارەت قىلىش داۋامىدا، دوستلار بىلەن تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى تەمىنلەپ بېرىۋاتقان شوركۆل سۇ ئامبىرىغا كېلىپ قالدۇق. بۇ ئامبار غەربىي-شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى بولۇپ، ئامبارنىڭ سۇ سىغىمى 700 مىليون كۇب مېتىرغا، پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ يۈزى 155 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتەتتى. ئامبارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىلبويى ئىشلەيدىغان بىر پومپا ئۆيى بار بولۇپ، ئۇ تۇمشۇق شەھىرىدىكى 160 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تەمنىلەپ بېرەتتى. بۇ يەردىن يەتتە كىلومېتىر يىراقىلىقتا تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سۇلىرىنى تەمنىلەپ بېرىدىغان شوركۆل سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنى بار ئىدى، بۇ يەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىللاردىن بۇيان خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ پومپىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.

  مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، 3- شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان خىزمەتچى خادىملارنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىگە قولاق سالدىم.

  تۇمشۇق شەھىرى بىلەن شوركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ ئارىلىقى 40 كىلومېتىر كېلەتتى، تاغنىڭ ئايىغىقىغا ئورۇنلاشقان بۇ جايغا كېلىدىغان كىشىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. ئىشچى چېن لىنلىننىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى 160 مىڭ ئاھالىنى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا بېغىشلىغانىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە ئالتە ئادەم بار ئىكەن، ھەر بىرىمىز ھەپتىدە ئالتە كۈن خىزمەت قىلىپ بىر كۈن دەم ئالاتتۇق، ئۆيگە قايتساممۇ خوتۇن - بالىلىرىمىز بىلەن تۈزۈكرەكمۇ ھال - مۇڭ بولۇشالمايلا خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلەتتۇق. كېيىنچە بۇنداق تۇرمۇشقا كۆنەلمىگەن ئايالىم ماڭا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويۇپ، بالىنى ئۆزىنىڭ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ چاغدا مەن ئامالسىز ئايالىمنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۆينى ئۇنىڭغا قالدۇردۇردۇم، ھازىر بالامنى كۆرمىگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى، ئۇ ھازىر 9 ياشقا كىردى».

  بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان 10 نەپەر خىزمەتچى خادىم تولىمۇ ئېجىل ئىناق بولۇپ، بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا دىجورنىلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ خالىسانە دىجۇرنىلىق قىلاتتى. بەزىدە كىتاب كۆرۈپ، شاھمات ئويناپ تۇرمۇشىنى بېيىتاتتى. دىجۇرنى ئىشخانىسىدا تۆت كومپيۇتېر بار بولۇپ، ئۇنىڭدا سۇ بېسىمى ۋە سۇنىڭ ئېقىم مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

  ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خىزمەت تەجرىبىسى مول، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىگەن شۈ بۇ مۇنداق بىر ھېكاينى سۆزلەپ بەردى: «بىر كۈنى كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلار تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇنداق ۋاقىتتا خىزمەت تەجرىبىسى بار كىشى بولسا ئاندىن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا سۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىۋاتقان ياكى يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايتتى. پومپا ئۆيىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەچكە، تۆت دىجۇرنى خادىم رېمونت قىلىدىغان سايمانلارنى تەييارلاپ، موتوسىكلىت بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە پومپا ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقاتتى، ئىككى كىشىنى داۋاملىق دىجۇرنىلىكتە قالدۇرۇپ قوياتتى. پومپا ئۆيىدە كاشىلا كۆرۈلۈرلگەندە، رېمونتچىلىق تەجرىبىسى بار كىشى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا تۇمشۇق شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى تۇەن-مەيداندا سۇ توختاپ قالاتتى. پومپا ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملارنىڭ قولۋاققا چۈشۈپ سۇ ئامبىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىشقا زور كۈچى كېتەتتى. شۇڭا، ئادەتتىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قولۋاقنى ھەيدەپ پومپىغا بارغۇچە دولقۇننىڭ قولۋاقنى تەۋرىتىۋېتىشىدىن، قىش پەسلىدە مۇزنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دائىم بەللىرىگە ئارغامچا باغلاپ يۈرەتتى. كۆپىنچە چاغلاردا يېرىم كېچىدە كاشىلا كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا كاشىلا كۆرۈلگەندە قىيىنچىلىققا قارىماي كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىمىز.

  زىيارەت داۋامىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، بۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتقان 10 نەپەر خىزمەتچى خادىم بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىيالايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، ئۇلاردا مۇشۇنداق تونۇش بولغاچقىلا بارلىقىنى شوركۆل تەۋەسىدىكى 160 مىڭ ئاھالىنى بىخەتەر سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.

  قەشقەر شەھىرى قىزىلدۆۋە يولى 440-قورۇ «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر