- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نامرات ئائىلىدىكى مەنىۋى باياشاتلىق
2014.11.04 17:54 مەنبە: خەلق تورى
ھاۋاگۈل توختى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەرچەن ناھىيە تاتىراڭ يېزا ئاياغ تاتىراڭ كەنتىدە ئابدۇراھمان مەمتىلى ئىسىملىك 72 ياشلىق بىر بوۋاي بولۇپ، قارىداپ كەتكەن قوللىرى، قورۇق باسقان يۈزلىرىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قانچىلىك جاپالارنى تارتقانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر قىينچىلىقتا ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز، ئۇ بىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ياردىمى ئالىدىغان ئائىلە تۇرۇغلۇق ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان ئىشنى قىلغان، نامرات شارائىتتا باياشاد ياشىيالىغان. 2009-يىلى خەنزۇ دوستى دېڭ فېي ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئابدۇراھمان مەمتىلىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ «مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن، مەن ئەڭ خاتىرجەم بولالمايدىغىنىم مۇشۇ ئاجىز ئوغلۇم، ئۇ ئىشلىيەلمەيدۇ، ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ، بولسا ئوغلۇمغا قاراپ قويسىڭىز» دېگەندە، ئابدۇراھمان مەمتىلى ئۇنىڭغا «خاتىرجەم بولۇڭ، مەنلا بولىدىكەنمەن ئوغلىڭىز توڭلاپ قالمايدۇ، ئاچ قالمايدۇ» دېگەنىدى، شۇ بىر ئېغىز گەپ ئابدۇراھمان مەمتىلىنى 24 ياشلىق ئەقلى ئاجىز مېيىپ دېڭ يىنى بېقىپ ھازىرغىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر