باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

9 – نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 46 مىليون يۈەندىن ئاشتى08

2014.12.01 14:24   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

9 – نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 46 مىليون يۈەندىن ئاشتى08

  30 - نويابىر جۇڭگو غەربىي دىيار قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى . ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى . بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ زال ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، جەمئىي 900 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر 480 گە يەتكەن ، نەق مەيداندا پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى 46 مىليون يۈەندىن ئاشقان .

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرگەزمە كۆرگىلى كەلگەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى 29-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە نەق مەيداندا شىنجاڭ ساياھەت كارتىسى ۋە قار – مۇز كارتىسى تارقىتىپ ، شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ‹‹شىنجاڭنى سۆيۈش ، يۇرتنى ساياھەت قىلىش›› تېمىسىدىكى 50 ساياھەت پائالىيىتىگە نەق مەيداندا ئېتىبار باھادا تىزىملاش ئېلىپ بارغان .

  كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلاردىن ساياھەت ئىدارىلىرى ، ساياھەت كارخانىلىرى ، مەنزىرە رايونلىرى ، ساياھەت ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئېچىش-سېتىش كارخانىلىرى ، قار تېيىلىش مەيدانلىرى ، قار تېيىلىش بۇيۇملىرى دۇكانلىرى ، مېھمانخانا-مېھمانسارايلار ، ساياھەت كوپېراتىپلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا ، يەنە ئاپتوموبىل ، ئۆي-مۈلۈك ، ئېلېكتىرون ، سودا ، يېمەكلىك ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق كەسىپلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ مول مەزمۇندىكى ‹‹ساياھەت چوڭ تاللا بازىرى›› نى تەمىنلىگەن .

  كۆرگەزمىدە ھەر قايسى ساياھەت كوپېراتىپلىرى بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ ، پەقەت نەق مەيداندا تىزىملاتسا ، نەق پۇلنى كېمەيتىش ياكى كۆتۈرۈۋېتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن . بۇمۇ نەق مەيداندا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ
      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…