باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

جىڭ ناھىيەسىدە مېيىپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلدى

2014.11.24 12:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ ناھىيەسى يېقىندا كۇرس ئېچىپ، يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئەسقاتىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى.

  ماندان يېزىسى دالتۇ كەنتىدىكى مېيىپ ياش قۇرۋانبېك بېسباي مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىم ئاشتى. ھازىر ئوندىن ئارتۇق قويۇم بار، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ 20 مىڭ يۈەن مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش ياردەم مەبلىغىنى تاپشۇرۇۋالدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باقمىچىلىق بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەندىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە ئون قوي سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمەن.

  تولى يېزىسىنىڭ چاغانمورگېن كەنتىدىكى مېيىپ ياش ئېرسول تېلۇر شىنجاڭ ئېلېكتىر كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ناھىيە بازىرىدا رەسىمخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئىدى، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا ئىگىلىكىنى كېڭەيتەلمەي تۇراتتى. ئۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ 20 مىڭ يۈەن مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش ياردەم مەبلىغىنى ئېلىپ، ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا، مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 30 مېيىپكە 580 مىڭ يۈەن مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش ياردەم مەبلىغى تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر