باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

402222 : ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدىكى قەلىب كۆۋرۈكى

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد

2014.11.20 19:41   مەنبە: خەلق تورى

402222 : ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدىكى قەلىب كۆۋرۈكى

  «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم، سىزگە قانداق ياردەم كېرەككىن؟»

  «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم، سىز نىمە مەسىلىدىن سۇئال سورىماقچى؟»

  «سەل تەخىر قىلىڭ، ئۇچۇرىڭىزنى خاتىرىلەۋاتىمەن...»

  بۇ 5 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇنى 402222 نىڭ تېلىفۇنستى دىلدار ھاكىمنىڭ تېلىفۇن ئالغاندا ئېيتقان سۆزلىرى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ ۋە ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بۇ قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇن ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئالدىراش.

  2012 – يىلى سىنتەبىردە يولغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇنى ھەر كۈنى 24 سائەت ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ لېنىيەدە سىياسەت تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەرىز شىكايەتلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ھەل قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، دېھقانلار 402222 تېلىفۇن نومۇرىنى بېسىپلا ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ، سورىغان مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا، تېز جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمىتى ۋە ياردىمىگە ئىگە بولالايدۇ.

  تۇيۇقسىز تېلىفۇن جىرىڭشىدى.

  «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم، سىزگە قانداق ياردەم كېرەككىن؟»«ئىسمىم ئابلىكىم، مۇشۇ يەسلىدىكى بالىلارنى يەسلىدىن بالدۇر قويۇۋېتىپ، خىزمىتىمدىن چۈشىدىغان ۋاقىت بىلەن توغرا كەلمەي سەل بىئەپ بولۇپ قالدى، يەسلىدىن سەل كېيىنرەك قويۇپ بەرگىلى بولامدىغاندۇ؟»

  «بۇ مەسىلىنى مەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يەتكۈزۈي، ئۇلار سىز بىلەن 24 سائەت ئىچىدە ئالاقىلىشىدۇ...»

  ......

  ـــ گەرچە بۇ قىزىق لېنىيە تېلىفۇنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ يولغا قويۇلغىنى بىلەن ھازىر كۆپىنچە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇ، توك، ئوقۇتۇش، نوپۇس رەسمىيەت بېجىرىش دىگەندەك نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ قالدى، بىز قوبۇل قىلغان تېلىفۇندا دېيىلگەن مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يەتكۈزىمىز، ئۇلار 24 سائەت ئىچىدە تېلىفۇن بىرگى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىنكاس قىلغان مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئەگەر قىلمىسا بىز ئۇنى ناھىيەلىك پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىمىز،- دېدى تېلىفۇنستلىق ھەم گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆتەۋاتقان دىلدار ھاكىم ماڭا .

  قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇن مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دېھقانلارغا زور قولايلىق ئېلىپ كېلىنگەن، ئىلگىرى دېھقانلار ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ھەممە يەرگە دوقۇرۇپ ئاۋارە بولغان بولسا، ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇپلا بىر تېلىفۇن بىلەن ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئارتۇق يول ماڭمايدىغان بولغان. قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇن ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرۇسىدىكى قەلىب كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرۇسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرغان.

  ئىگىلىشىمچە، ھازىر غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېزا، بازارلىرىدا ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى شەكىللىنىپ بولۇنغان بولۇپ، نۇقتىلىق باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپىي ئائىلىلەر، ۋاسىتىچىلار ئارىسىدىن 300 دىن ئارتۇق ئۇچۇر مۇلازىمەتچىسى تەربىيىلەنگەن.

  ـــ قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇن يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان 7498 قېتىملىق تېلىفۇن تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرىگە ئائىت 5600 دىن، ئۇچۇر مۇلازىمەت تۈرىگە ئائىتتىن 1702 قوبۇل قىلىندى، ئاممىنىڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن مەمنۇن بولۇش نىسبىتى %99 غا يەتتى،- دېدى غۇلجا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فەن،- ھازىر بۇ لېنىيە ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقى بولغاندا ئالدىن ئويلىشىدىغان، ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن تېلىفۇن قىزىق لېنىيەسىگە ئايلاندى.

  سۈرەتتە: قىزىق لېنىيە قوبۇل قىلىش مەركىزىدە خادىملار خىزمەتتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ