باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

ش ئۇ ئا ر ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرىلىتىدۇ

2014.11.18 13:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14 – نويابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرىلىتىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 12 ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىلىپ، دورىلارغا باھا قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. 2015 – يىلىغا بارغاندا ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورا ئارقىلىق دوختۇرخانا كىرىمىنى تولۇقلاش تۈزۈلمىسى تۈپتىن ئۆزگەرتىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىلا داۋالاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش ھەققى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئاپتونوم رايون جايلاردىن داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ھەر بىر ناھىيە(شەھەر)دە بىردىن ئىككىگىچە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەر بىر ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىردىن دوختۇرخانىنى 2 – دەرىجىلىك دوختۇرخانا سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، نوپۇسى 300 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيەلەردە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىن ئاز دېگەندە بىرنى 2 – دەرىجىدىكى A دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا يەنە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، كېسەل كۆرۈش ھەققى، پەرۋىش ھەققى قاتارلىق ئەسلىدىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ھەم تېببىي خادىملارنىڭ تېخنىكىلىق ئەمگەك مۇلازىمەت قىممىتىنى ئاساسلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئاۋۋال تەڭشەش سىناق نۇقتىسى قىلىپ، دوختۇرخانىلارنى ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق كىرىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دورا ئارقىلىق دوختۇرخانا كىرىمىنى تولۇقلاش ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 ناھىيە بۇ يىل دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. دۆلەت دورىغا باھا قوشۇشنى بىكار قىلىپ، دورىلارنى ئەسلىي باھاسى بويىچە سېتىشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ھەر بىر ناھىيەگە 3 مىليون يۈەن ئىسلاھ قىلىش مەبلىغى ئاجراتقان. بۇنىڭدىن كېمىيىپ كەتكەن كىرىمنىڭ %20ىنى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، داۋالاش تېخنىكا مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەشكە بېرىلىدىغان تولۇقلىما %70نى ئىگىلەيدىكەن، دوختۇرخانىلار ھېساباتنى چىڭىتىش، تەننەرخنى تېجەش ئارقىلىق %10نى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن 12 ناھىيەدە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان قالغان 38 ناھىيەدە بۇ يىل ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇھىم نۇقتىلار تاللاپ ئىلگىرىلىتىلىدىكەن ياكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى تاماملىنىدىكەن، 2015 – يىلى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىلىدىكەن.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر