باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرى باشلاندى

2014.11.18 13:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرى 15 – نوبابىر شىنجاڭ «كوئېنلۇن» مېھمانسارىيىدا باشلاندى.

  يىغىنغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 800 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ لىدىرى، باش دىرېكتورى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇنبەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقسىنى كۈچەيتىشنى، ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە يۈزلەندۈرۈشنى، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانىكەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار قامۇسىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس، شياڭگاڭ – جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باش مەسلىھەتچىسى لاڭ شيەنپىڭ ئەپەندى «ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشى» دېگەن تېمىدا، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىپىرلىق ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جيەنگو «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا ئەندىزىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  مۇنبەردە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسەتلىرى، ئوتتۇرا،كىچىك كارخانىلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانىچىلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار سۆھبەت يىغىنى، ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنى، ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچرىشىشى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر