باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

ئونسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزى نامرات ئائىلىلەرگە تېلېۋىزور سوۋغا قىلدى

2014.10.27 10:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىنلەر خەۋىرى: نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئونسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، نامراتلار بىلەن قوشماقلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ئورۇن ساڭ ئالدى مەھەللە كومىتېتىنىڭ نامراتلارغا يار يۆلەك بولۇپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە پائال ماسلاشتى. بۇ مەھەللىدىكى ۋاڭ ۋەنلىڭنىڭ پالەچ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىغا ئۇزۇن بولغانلىقى، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغاچقا تېلېۋىزور سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 20-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۇنىڭغا سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بىلەن تېلېۋىزور سوۋغا قىلدى ھەمدە ئورنىتىپ تەڭشەپ بېرىپ مول مەزمۇنلۇق تېلېۋىزىيە پروگرامملىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر