باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى بۇ يىل ئالمىدىن مول ھوسۇل ئالدى

2014.10.23 08:36   مەنبە: خەلق تورى

ئونسۇ ناھىيەسى بۇ يىل ئالمىدىن مول ھوسۇل ئالدى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيە ياغاچ غوللۇق ئاشلىق-مايلىقدان ئورمانچلىق مەيدانى 5-ئەترىتىدىكى باغۋەن ۋاڭ شىياۋيىڭنىڭ ئالمىلىق بېغىدا باغۋەنلەر «خۇڭ فۇشى» ئالمىسىنى ئۈزۈش، تاللاش ۋە ئوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇلار بۇ ئالمىلىرىنى شاڭخەي، گۇاڭجۇ، جېجىياڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ بازارغا سالماقچى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر 50 مىڭ مولۇق ئالمىدىن مولھوسۇل ئالغان بولۇپ، بۇ يىلقى ئالما مەھسۇلاتىنىڭ 75 مىڭ توننىغا يېتىپ، ھازىرقى بازار باھاسى (ھەر كىلوسى 6.5 يۈەن) بويىچە ھېسابلىغاندا، مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتى 975 مىليون يۈەنگە يىتىشى مۆلچەرلەنگەن.

  سۈرەتتە: ئونسۇ ناھىيە ياغاچ غوللۇق ئاشلىق-مايلىقدان ئورمانچلىق مەيدانى 5-ئەترىتىدە ئىشلەمچىلەر ئالمىلارنى تۈرى بويىچە يەشىككە قاچىلىماقتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز