«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇنبەر 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەردە ئارخېئولوگىيە، تارىخ ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.
قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى. شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، شىنجاڭ تارىخى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك راۋانلىقى، غەربىي يۇرت يىپەك يولى بىلەن شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ