شىنجاڭدىن ئىككى ئادەم تىزىملىككە كىردى

2024-يىلى 1-پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى

2024.04.19 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2024-يىلى 1-پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككى كىشى تىزىملىككە كىردى.

  مۇخبىر ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرغان، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان، چوڭلارغا ۋاپادار، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان 152 ياخشى كىشى (گۇرۇپپا) نىڭ 2024-يىلى 1-پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»گە شەرەپ بىلەن كىرگەنلىكىنى كۆردى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىككى كىشى تىزىملىككە كىردى، ئۇلار يارىلانغان ساياھەتچىلەرنى 12 سائەت ئات مىنىپ تاغدىن چۈشۈرۈپ، قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئاتلىق ئەترەت باشلىقى ئەختەم ئىسمائىل؛ ئاممىۋى پاراۋانلىققا 20 يىلغا يېقىن ئاتلىنىپ، ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغان، كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېڭ شياۋجۈن.

  ئەختەم ئىسمايىل، ئەر، ئۇيغۇر،1987-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى ئىستىراھەت ساياھەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاتلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقى. 2022-يىلى ئات ئىجارىگە ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەختەم ئەترەتنى باشلاپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا، پۇتى يارىلىنىپ كېسىلى قايتا قوزغىلىپ ماڭالمايدىغان بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، كېچىلەپ يول يۈرۈپ، ئۇنى تۇرۇشلۇق جايىغا بىخەتەر ئاپىرىپ قويۇپلا قالماي، يەنە بىر تىيىنمۇ ئالمىغان.

  چېڭ شياۋجۈن، ئەر، 1967-يىل 4-ئايدا تۇغۇلغان، كومپارتىيە ئەزاسى، بىڭتۈەن 8-شى شىخەنزە شەھەرلىك كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى. 2005-يىل 5-ئايدىن بۇيان، چېڭ شياۋجۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مەيدانغا يېقىن ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قېتىم خەلقئارالىق قۇتقۇزۇشقا، ئالتە قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى ھەمدە 2008-يىلى 8-شى شىخەنزە شەھەرلىك كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى باش بولۇپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق قەلبى بىلەن ھاياتلىقنى نۇرلاندۇرۇپ، بۇ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ