شىنجاڭ يۇڭ-تېرە رەسىمىنىڭ پارىژدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز!

2024.04.09 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 5-كۈنى، پارىژدىكى لوۋېر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق فىرانسىيە 《ART SHOPPING》خەلقئارا زامانىۋى سەنئەت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن يۇڭ-تېرە رەسىم ئەسىرى «شەرقتىكى سۈبھى نۇرى» رەسساملىق ئىجادىيەت تۈرى بويىچە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ئارزۇگۈل غوپۇرنىڭ «شەرقتىكى سۈبھى نۇرى» ناملىق ئەسىرى. سۈرەتنى ئارزۇگۈل تەمىنلىگەن

  بۇ ئەسەرنى شىنجاڭ يۇڭ-تېرە رەسىمىنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئىجاد قىلغۇچى ئارزۇگۈل غوپۇر ئىجاد قىلغان بولۇپ، بىر تۇلپار ئاق رەڭلىك مويلۇق تېرىدە نامايان بولغان، يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ سىزىقلىرى ئېنىق، لەيلەپ تۇرغان يايلى خۇددى ئۇچار ئەجدىھانىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ، كۈچ بىلەن گۈزەللىكنىڭ بىرلىشىشىنى نامايان قىلغان، بۇ يىل دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئەجدىھا يىلى، بۇ ئەسەردە ئەجدىھانىڭ شەكلى قوللىنىلغان، ئەسەرنىڭ ئىسمى «شەرقتىكى سۈبھى نۇرى» بولۇپ، ئۇزۇن كېچىدە شەرققە زارىقىپ قاراش ئىپادىلەنگەن.

  ئارزۇگۈل غوپۇر (ئوڭدا) پارىژدىكى لوۋېر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق فىرانسىيە «ART SHOPPING» خەلقئارا زامانىۋى سەنئەت كۆرگەزمىسىدە مۇكاپات ئالدى. سۈرەتنى ئارزۇگۈل تەمىنلىگەن

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە يەنە دۇنيادىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەسەرلىرىم كۆرگەزمە قىلىنىشى بىلەنلا بەزى يىغىپ ساقلىغۇچىلار يىغىپ ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن ئات مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن يۇڭ-تېرە رەسىملىرىگە ئالاھىدە قىزىقتى. دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۇڭ-تېرە رەسىملىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي لايىھە ئامىللىرىنى سىڭدۈرىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ