ۋەكىل دىلشات پەرھات مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «ئاتالمىش <مەدەنىيەتنى يوقىتىش> دېگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان!» دېدى.

2024.03.11 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئاتالمىش <مەدەنىيەتنى يوقىتىش> دېگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان!» 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك-گۇرۇپپىنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىلشات پەرھات مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى.

  شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان ۋەكىل دىلشات پەرھات ھەممىدىن بەك سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىگە.

  ۋەكىل دىلشات پەرھات مۇنداق دېدى: دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىغا دۆلەت ھەر يىلى ھەر بىر ۋارىسقا 20 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مۇقام سەنئىتى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى» قاتارلىق ئالاقىدار نىزام، يىرىك پىلانلارنى تۈزدى، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

  ۋەكىل دىلشات پەرھات مۇنداق دېدى: مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىمۇ كەڭ قوللىنىلدى. «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ كۆپ خىل تىل-يېزىقتا خەۋەر بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ كوچىلىرىدا، دۇكان ۋىۋىسكىلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى بىرلا ۋاقىتتا نامايان قىلىندى.

  شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدىن 280 نى رەتلەپ ۋە قېزىپ، ئۇدا 10 نۆۋەت ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى تېخىمۇ تولۇق تەرەققىي قىلدى؛ قىرغىزلارنىڭ «ماناس» قاتارلىق ئۈچ داستانى رەسمىي نەشر قىلىندى؛ ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تۈركۈم داڭلىق ئىمارەتلەر مۇۋاپىق رېمونت قىلىندى ۋە قوغدالدى....

  ئاخىرىدا، ۋەكىل دىلشات پەرھات جاراڭلىق سۆزلىرى بىلەن جاۋابنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ